ئەسەدنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋېلىشىغا ۋاسىتىچى بولغان رۇسىيەلىك

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋېلىشىدا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان كىشىنىڭ ئەسلى سۈرىيەلىك رۇسىيە پۇقراسى گېئورگې خاسۋانى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

397625
ئەسەدنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋېلىشىغا ۋاسىتىچى بولغان رۇسىيەلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى نېفىتلىكلەرنى دائېشقا تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، تېررورچىلاردىن نېفىت سېتىۋېلىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 25- نويابىردا مەزكۇر ئۇسۇلدا نېفىت سېتىۋېلىشتا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلاتتى. بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دائېشنىڭ نېفىت سېتىشىغا بىۋاستە جازا يۈرگۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسمى ئاشكارىلانغانلار ئىچىدىن ئىككى كىشىنىڭ ئىسمى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىرى سۈرىيەدە دۇنياغا كەلگەن رۇسىيە پۇقرالىقىمۇ بار بولغان گېئورگې خاسۋانىدۇر. خاسۋانى « HESCOئىنژېنېرلىق ۋە قۇرۇلۇش» ناملىق شىركىتىنىڭ سايىسىدا ئەسەد تۈزۈمى بىلەن دائېش ئارىسىدىكى نېفىت سودىسىدا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. مارت ئېيىدا خاسۋانىنىڭ پائالىيەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىنمۇ ئېنىقلىنىپ، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنىدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى، رۇسىيە پۇقراسى شۇنداقلا دۇنيا شاخمات فىدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى كىرسان ئىليۇمزىنوۋ بولۇپ، ئۇ سۈرىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئېمبارگولارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

پۇتىننىڭ ئوڭ قولى ھېسابلىنىدىغان دۇنيا شاخمات فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى كىرسان ئىليۇمزىنوۋ پۇل ئاقلاش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر