«تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكى ۋە ھاۋا ساھەسىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاقدېڭىزغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئەۋىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

397445
«تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكى ۋە ھاۋا ساھەسىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ بىريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، گېرمانىيە بىلەن دانىيەنىڭ بولسا ئاقدېڭىزغا تاكتىكىلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ستولتېنبېرگ، باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، تۈركىيەنى قوغداشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن بۇ ۋەدىلەردىن بىر قىسمىنىڭ بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىغىندا تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇس ئايروپىلانىنى تۈركىيەنىڭ F-16 تىپلىق ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىشى مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ، «تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكى ۋە ھاۋا ساھەسىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە» دېدى.
ستولتېنبېرگ تەرەپلەرنى سۈركىلىشنى ئازايتىشقا چاقىرىق قىلىپ، موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە دىيالوگ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايمەن» دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ھاسىل قىلىنغان ئىلگىرىلەشلەر قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر