ئەرەب بىرلەشمە كۈچلىرى ئەلجەۋفنى بومباردىمان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەمەننىڭ ئەلجەۋف ۋىلايىتىنى بومباردىمان قىلدى.

395911
ئەرەب بىرلەشمە كۈچلىرى ئەلجەۋفنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەمەننىڭ ئەلجەۋف ۋىلايىتىنى بومباردىمان قىلدى، بومباردىمان 7 ھۇسىي ئەسكىرى ئۆلدى، ئالتىسى يارىلاندى.

ھۇسىيلار ئىيۇل ئېيىدا خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن جەڭ قىلىپ، جەۋفنىڭ مەركىزى ناھىيەسى ھازمنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. لەبنات ھەربىي لاگېرى ھازم ھۇسىيلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى جەۋف بىلەن مەئرىب شەھەرلىرىدىكى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى تەربىيەلىنىدىغان ئەڭ چوڭ لاگېر ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىمسىز بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە ھاكىمىيەتكە قاراشلىق قىسىملارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ھۇسىيلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر