بۇ نۆۋەت پۈتۈن دۇنيا لىدەرلىرى پارىژدا ئۇچراشتى

ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى بۈگۈن پارىژدا باشلىدى

395688
بۇ نۆۋەت پۈتۈن دۇنيا لىدەرلىرى پارىژدا ئۇچراشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بۈگۈن باشلىدى. 
147 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى 15 كۈن داۋاملىشىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما، رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرۇنمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىشتىراك قىلىدۇ.
كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ «ياندۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قېلىشىغا» توسالغۇ بولۇشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى خەلقئارا كېلىشىمى ئىمزالاش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ساھىبخان فىرانسىيە 196 دۆلەتتىن 20مىڭدىن ئارتۇق ئىشتىراكچىنى كۈتۈۋالىدۇ.
3000دىن ئارتۇق مەتبۇئات خادىمى يېقىندىن كۆزىتىدىغان بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى، پارىژ سىرتىدىكى بورگېت ھەربىي ئايرودرومىغا يېقىن جايدا بەرپا قىلىنغان 19 گېگتارلىق يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
فىرانسىيە پارىژدىكى قانلىق ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۈچۈن ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالدى. يىغىندا 10800 ساقچى، ژاندارما ۋە ئەسكەر خىزمەت ئۆتەيدۇ. لىدەرلەرنىڭ ھەممىسى يىغىنغا يېقىن جايدىكى ھەربىي ئايرودرومىغا قونىدۇ.
ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇھىتپەرۋەرلەر بىلەن يەر شارىلىشىش ھادىسىسىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ ھەرىكەتكە ئۆتتى. 175 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا لىدەرلەر پارىژ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا چاقىرىلدى.
ھۆكۈمەتلەردىن تېزراق ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەلەپ قىلىندى. تېررورىزم ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن نامايىشلار چەكلەنگەن پارىژ ۋە بىريۇسسېلدىمۇ خەلق نامايىش ئۆتكۈزدى.
بىريۇسسېلدا يۈزلەرچە نامايىشچى پارىژ يۆنىلىشىدە ئىنسان ھالقىسى بەرپا قىلىشتى. كاربونلۇق گازلار ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىلىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، «باشقا بىر دۇنيا يوق» دەپ شوئارى توۋلاشتى.
پارىژدىكى كىلىمات نامايىشىغا ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن نامايىشنىڭ شەكلى ئۆزگەرتىلدى. نامايىشچىلار جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا 10مىڭ جۈپ ئاياق تاشلاپ قويدى. نامايىشلار دائىرىسىدە ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى يېشىل چىراق بىلەن يورىتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر