شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولدى

شىمالىي كورىيەنىڭ دېڭىز ئاستى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

394933
شىمالىي كورىيەنىڭ  باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورىيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولدى.
يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر جەنۇبىي كورىيەلىك ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، شىمالىي كورىيەنىڭ تۈنۈگۈن يەرلىك سائەت 14:30دا بىر دېڭىز ئاستى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
«شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇب بولدى» دېگەن بۇ ئەمەلدار، سىناقتىن كېيىن دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالدۇقلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
شىمالىي كورىيە 12-مايدىمۇ دېڭىز ئاستىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانىدى. جەنۇبىي كورىيە پىرىزېدېنتى پارك گىئۇن خاي شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقىنى «جەڭ ئېلان قىلىش» دەپ تەرىپلەپ، شىمالىي كورىيەنى قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار چىقىرىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى چەكلىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر