ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللاپ بايانات بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە چېگراسىدا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلان مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللاپ باياناتلارنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

422162
ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللاپ بايانات بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەم مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى مارك تونېر، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈركىيەنىڭ ئۆز ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ناتو ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتىمىز» دېدى.

مارك تونېر، رۇسىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا ناھايىتى يېقىن بىر يەردە سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى نىشانغا ئالغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، رۇسىيەنىڭ چېگرادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە جىددىيچىلىكنىڭ پەسەيتىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پېنتاگونمۇ تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقدېشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پېنتاگون باياناتچىسى پېتېر كۇك، شۇڭا مەزكۇر ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ ئوخشاشلا ناتونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر