ئەسەد كۈچلىرى تۈركمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بەششار ئەسەدكە قاراشلىق سۈرىيە كۈچلىرى تۈركمەن يېزىلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى بۈگۈنمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.

422115
ئەسەد كۈچلىرى تۈركمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن شىددەتلىك توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلگەن شىمالدىكى قىزىلتاغ تۆپىلىكلىرىدىن پات – پات پارتلاش ئاۋازلىرى كەلمەكتە، لېكىن، ئاساسلىق توقۇنۇشلار رايوننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زۇۋەيق، غىمام، دېرھاننې يېزىلىرىغا مەركەزلەشمەكتە.

ئەسەد كۈچلىرى رايوننى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن راكېتامىيۇت ۋە زەمبرەكلەر بىلەن توپقا تۇتماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن مەھەللىي مەنبەلەر، تۈركمەن يېزىلىرىغا قوشنا كېلىدىغان جەبەل ئەلئەكراد (كورد تېغى) نىڭمۇ شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زۇۋەيق، غىمام ۋە دېرھاننې يېزىلىرى بۇنىڭدىن 15 كۈن ئىلگىرى ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى پولكوۋنىك ئەھمەد بەررى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشتىن ئىلگىرى جىسرىششۇغۇردا پۇقرالارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر