فىرانسىيە بىلەن بېلگىيە پارىژ ھۇجۇمىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرمەكتە

فىرانسىيە بىلەن بېلگىيەنىڭ پارىژ ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورچىلارنى ئوۋلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

368413
فىرانسىيە بىلەن بېلگىيە پارىژ ھۇجۇمىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە دائىرىلىرى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 30 ياشلىق مۇھەممەد ئابرىنى ئىسىملىك گۇماندارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
بېلگىيە تەپتىش خادىملىرى ئابرىنىڭ پارىژ ھۇجۇمى يۈز بېرىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن باشقا گۇماندار سالىھ ئابدۇسالام بىلەن پارىژغا بارىدىغان تاشيولدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا كۆرۈنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر كىشىلەرنى «خەتەرلىك ۋە قورال بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى» سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىققا چاقىردى. تەپتىش خادىملىرى ئابرىنى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ كېيىنچە ھۇجۇملاردا قوللىنىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تەپتىش خادىملىرى يەنە، بۇنىڭدىن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان ئىككى كىشىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئەلى ئو. ۋە لازەز ئا. ئىسىملىك جىنايەتچىلەر «تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋە تېررورلۇق مەقسىتى بار جىنايەت ئۆتكۈزۈش» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىندى. سالىھ ئابدۇسالام بولسا، پارىژدا 130 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان ئىزدەلمەكتە.
فىرانسىيە تەپتىش خادىمى مولىن پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئابدۇلھامىد ئابباۋۇد 18 – ياكى 19 – نويابىر پارىژنىڭ سودا مەركىزىي لا دېفېنىس (La Defence) تا ئادەم بومبا ھۇجۇمى پەيدا قىلىشنى پىلانلىغان، دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئابباۋۇد 18 – نويابىردا سائىنت – دېنىس مەھەللىسىدىكى ھەرىكەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر