كامېرون بىلەن ئولاند باتاجلان كونسېرت زالىنى زىيارەت قىلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون پارىژدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

367942
كامېرون بىلەن ئولاند باتاجلان كونسېرت زالىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند دۆلىتىگە زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننى ئېلىزا سارىيىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئولاند بىلەن كامېرون كۆرۈشۈشتىن كېيىن، 13 – نويابىر قانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 90 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان باتاجلان كونسېرت زالىغا باردى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ئىجتىمائىي تاراتقۇدا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاند بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ بۇ قېتىمقى فىرانسىيە زىيارىتىنىڭ پەقەتلا تەزىيە مەقسىتىگە ئىگە ئەمەسلىكى بىلىنمەكتە. كامېروننىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە بىرلەشمە قىسىم سېپىدىن ئورۇن ئېلىش پىلانلىرىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ساھەدە كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئۈچۈن 12 مىليارد دوللارلىق خامچوت لايىھەسىنى پارلامېنتقا سۇنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر