خىتاي، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستاندا يەر تەۋرىدى

خىتاي، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە 6 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىدى.

420858
خىتاي، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستاندا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرىسىدا 6.2 بال يەر تەۋرىدى.
پاكىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تور بېتىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد، لاھور، راۋالپىندىغا ئوخشاش شىمالدىكى شەھەرلەردىمۇ ھېس قىلىندى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن خەلق كوچىلارغا چىقىۋېلىشتى. يەر تەۋرەش يەر ئاستىنىڭ 85 كىلومېتىر چوڭقۇرلىقىدا مەيدانغا كەلدى.
رەسمىي دائىرىلەر يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈپ ئۆلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.
چىڭخەي ئۆلكىسىدىمۇ 5.2 بال يەر تەۋرىدى. خىتاي يەر تەۋرەش تورلىرى مەركىزى يەر تەۋرەشنىڭ رايوندىكى چىلىيەن ۋىلايىتى ۋە يەر ئاستىنىڭ 10كىلومېتىر چوڭقۇرلىقىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار بولمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر