گېرمانىيەدە پارىژ ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئىسلام ھاقارەتلەندى

گېرمانىيەدە بىر تۈركۈم ئاشقۇن مىللەتچىلەر پارىژ ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئىسلامنى ھاقارەتلەشتى.

420939
گېرمانىيەدە پارىژ ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئىسلام ھاقارەتلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ كۆھلىن شەھىرىدە پارىژدا 13-نويابىر كۈنى مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى باھانە قىلىپ يىغىلغان بىر تۈركۈم رادىكال مىللەتچىلەر ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىش ئەسناسىدا نامايىشچىلار ئىسلام دىنىنى ھاقارەت قىلىپ، گېرمانىيە بايرىقى بىلەن ئىسلامغا زىت گەپلەر خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشتى. ئۇلارغا قارشى يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ: «كۆھلىندە ناتسىستلارنى خالىمايمىز، ئىرقچىلار يوقالسۇن» دەپ شوئار توۋلاشتى.
رادىكال مىللەتچىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەجىۋىيلەشتۈرۈلۈپ سىزىلغان رەسىملەرنى ئېلىپ مېڭىشى ئەتراپتىكىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ساقچىلار رادىكال مىللەتچىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان ياشلارنى بېسىقتۇردى. يۈرۈشلەردىن كېيىن نامايىشچىلار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا تارقىلىپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر