قىرىمدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

قىرىم توكسىز قالغانلىقتىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

420658
قىرىمدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرىمدا توك توختاپ كەتكەنلىكتىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
ئۇكرائىنادىن كېلىدىغان ئېنېرگىيە لىنىيەلىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلە ئىككى مىليون كىشىنى توكسىز قالدۇردى.
توك توختاپ كېتىش ھادىسىسىگە توك يەتكۈزۈش مۇنارلىرىنىڭ پارتىلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشقا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. رەسمىي دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە ھازىرچە مەلۇمات بەرمىدى، ئۇكرائىنادا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
رۇس تاراتقۇلىرى بولسا پارتلاشنىڭ ئۇكرائىنالىق مىللەتچىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر