مۇسۇلمانلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ تېررورىزمغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا مۇسۇلمانلار تېررورىزمغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

420548
مۇسۇلمانلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ تېررورىزمغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈزلەرچە مۇسۇلمان ئىسلام دىنى بىلەن تېررورىزمنىڭ پاراللېل ئورۇنغا قويۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى. نامايىشچىلار، «ئىسلام دۈشمىنى تېررورىزم» دەپ شوئار توۋلىدى ۋە شۇنداق خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئىسلام دىنىي بىلەن پاراللېل ھالەتتە كۆرسىتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇسۇلمانلار، فىرانسىيە ۋە مالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر