بېلگىيە دائېشقا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

بېلگىيە پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن پايتەخت بىريۇسسېلدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدى.

420126
بېلگىيە دائېشقا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بىريۇسسېلدا ياشاۋاتقانلارنى جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى كېچىسى كونسېرت ۋە تەنتەربىيە زاللىرى، كىنوخانىلار، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە سودا سارايلار قاتارلىق يەرلەرگە بارماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.
كېچىسى شەھەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھەربىي ئاپتوموبىللار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بېلگىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى، بىريۇسسېلنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى، پارىژ ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان ئىككى تېررورىستنىڭ بېلگىيەدە ياشىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر