مالايشىيا بىلەن ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق ئورناتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مالايشىيا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى.

419362
مالايشىيا بىلەن ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق ئورناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇالالامپۇردىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر ياردەمچىسى ئەھمەد زاھىد ھامىدى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ سايىسىدا دۆلىتىنىڭ تېرروچىلارنىڭ، تېررور گۇماندارلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى ۋە بىر مىليون 200 مىڭ بارماق ئىزى بار بولغان ئامېرىكا ئۇچۇر ئامبىرىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھامىدى «شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشى توسۇپ قېلىنىدۇ» دېدى.

ھامىدى پارىژ ھۇجۇملىرىغا ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ باشقا يەرلەردە يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىغا قارشى دۆلىتىگە كىرىپ – چىقىش جەھەتتىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنىمۇ قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ كۇالالامپۇردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوسېف يۇن بولسا، ئىمزالانغان كېلىشىمنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جەھەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر