ئۇكرائىنا دائېش سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتتى

ئۇكرائىنا دائېش مىلىتانلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىشىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

417748
ئۇكرائىنا دائېش سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى پېترو پوروشېنكو پارىژدا ئۆتكەن ھەپتە جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۇكرائىنادىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىدىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
پوروشېنكو تېررورچىلارغا چېتىشلىق بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇكرائىناغا نىسبەتەن «يېڭى تەھدىت» شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پارىژدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئىسلامچى تېررورچىلار بىلەن ئۇكرائىنادىكى بەزى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا چېتىشلىقى بارلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق. بۇنىڭغا قارىتا مەنمۇ بۇ خەتەرلەر ۋە تەھدىتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىگە يوليۇرۇق بەردىم.»
پوروشېنكو بولغۇسى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان جىددىي ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئارسېن ئاۋكوۋمۇ ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ كىيىۋ، دىنىپروپېتروۋىس، لىۋىۋ ۋە ھاركوۋ شەھەرلىرىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىشقا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئېيتقانىدى.
ئاۋاكوۋ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قايسى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر