«شىنجاڭدىكى ئاشقۇن ئىسلامچىلار دۇنيا تېررورىزىمىنىڭ بىر پارچىسى»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى فىرانسىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن بايانات بېرىپ، «شىنجاڭدىكى ئاشقۇن ئىسلامچىلارغا قارشى كۈرەشنىڭ دۇنيانىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ ‹مۇھىم بىر پارچىسى› بولۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.

417581
«شىنجاڭدىكى ئاشقۇن ئىسلامچىلار دۇنيا تېررورىزىمىنىڭ بىر پارچىسى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى پارىژدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن «تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە كۈرەش فىرونتى» تەشكىللەشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەھبەرلىك ھوقۇقى پۈتۈنلەي ب د ت نىڭ قولىدا بولىدىغان بىر بىرلەشمە فىرۇنت تەشكىللەش ناھايىتى زۆرۈر. خىتايمۇ ئوخشاشلا تېررورىزمنىڭ قۇربانى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى يوقىتىشمۇ خەلقئارانىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولۇشى لازىم.»

رويېترزنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەللىك مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي تەسۋىلىگەندەك رادىكال بىر «شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى» نىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن گۇمانلىنىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئاشقۇن تەشكىلاتلار ئەمەس، خىتاينىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى» نىڭ 2013- يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە يېقىنقى يىللاردىكى ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» بىلەن «پارىژ ھۇجۇملىرى» نى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش ماھىيىتىدە كۆپلەپ خەۋەر تارقاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر