ئوباما پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە جىددىي يىغىن چاقىردى

ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوباما پارىژدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى.

417201
ئوباما پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما، گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئشىتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى، پارىژدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىردى.
ئاقساراي تەرىپىدىن يىغىن ھەققىدە بېرىلگەن باياناتتا، پىرىزېدېنت باراك ئوباماغا پارىژدىكى قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن باشقا، ئامېرىكىغا بىۋاستە تەھدىت يوقلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.
يىغىندا يەنە ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا دائېشقا قارشى كۈرەش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئاكتىپ ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ۋە پارىژدىكى تېررولۇق ھۇجۇملىرى دائىرىسىدە فىرانسىيە مەسئۇللىرىنىڭ ھەر قانداق تەلىپىگە جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.
باياناتتا پارىژدىكى قانلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ دائېش ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك فىرانسىيە مەسئۇللىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن پەرقلىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.
پارىژ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى كېڭەش قىلىنغان يىغىندا، ئوباما مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىشكە يوليۇرۇق بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر