خىتاي چەت ئەلدە ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئافرىقىدىن باشلايدۇ

خىتاي ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇينىڭ جىبۇتى زىيارىتىدە، خىتاي بىلەن جىبۇتى ئارىسىدا ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

365349
خىتاي چەت ئەلدە ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئافرىقىدىن باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى جىبۇتى پىرېزىدېنتى ئىسمائىل ئۆمەر گۇللە بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بۇ يەردە دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان خىتاي ھەربىي پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. فاڭ فېڭخۇينىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى، خىتاينىڭ جىبۇتىدا قۇرماقچى بولغان ھەربىي بازا ۋە بۇ بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان 10 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنىڭ مەسىلىسى ئىگىلىگەن.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ فاڭ فېڭخۇينىڭ جىبۇتى زىيارىتى توغرىسىدىكى باياناتىدا، ھەربىي بازا ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق جىبۇتى تاراتقۇلىرىدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، 2015 – يىلى ماي ئېيىدا خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم بىر دۆلەتتە ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرنى جىبۇتى تەرەپ توغرىلىغان.
ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەرىكىتىدىن بىئارام

خىتاينىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن جىبۇتىدا ھەربىي بازا قۇرۇشى، ھازىرمۇ بۇ دۆلەتتە ھەربىي ساھەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىنى بىئارام قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىغا ئېرىشكەن جىبۇتى ئوبوك رايونىغا جايلاشقان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ بازىنى خىتايغا بېرىشى كۈنتەرتىپكە كەلگەن. جىبۇتىدا ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ھەربىي بازىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر پات – پات دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا تەرەپ خىتاي بىلەن جىبۇتىنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى ھىندى ئوكيان ۋە قىزىل دېڭىزدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت، دەپ قارايدىكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي ئافرىقىغا جايلاشقان ئېفىيوپىيە، كېنىيە، سۇدان، تانزانىيە، جىبۇتى ۋە زامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇھىم ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بار. خىتاي جىبۇتى بىلەن ئېفىيوپىيەنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنى ياساشتىن باشقا، كېنىيەدىكى تۆمۈر يول لىنيەلىرىنىمۇ ياسىماقتا. سۇداندا بولسا، نېفىت قېدىرىش ۋە ئالتۇن كان ئېچىش، تانزانىيە بىلەن جىبۇتىدا پورتلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر