چىلىدا 6.9 بال يەر تەۋرىدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى چىلى ساھىللىرىدا 6.9 بال يەر تەۋرىدى.

415145
چىلىدا 6.9 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلى ساھىللىرىدىن 93 كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىرچە دېڭىز تاشقىنى خەۋپى يوق ئىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىش تاشقىنى ئاپەتلىرى چىلىغا ئانچە ياتمۇ ئەمەس ئىكەن.
سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن 8.3 بال يەر تەۋرەشتە 15 كىشى قازا قىلغان، مىڭلارچە كىشىنى ئۆي – ماكانسىز قالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر