يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

يەمەندە شىئە ھۇسىلەر بىلەن مەنسۇر ھادى تەرەپدارلىرى بولغان خەلق قارشىلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

414398
يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:شەبۋا شەھىرىدە شىئە ھۇسى ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى بىلەن پىرىزېدېنت مەنسۇر ھادى تەرەپدارلىرى بولغان خەلق قارشىلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى.
ئىگىلىنىشىچە، شەبۋا شەھىرىنىڭ بەيھا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا ئونلارچە ئادەم يارىلانغان.
توقۇنۇشلار شەھەرنىڭ غابىر، ئەل مەتانە، ئەش-شۇبە ۋە ۋادى ئەن نەھىر رايونلىرىدا داۋاملاشماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنى قوللاش مەقسىتىدە يەمەنگە ئەۋەتىلگەن سۇدان ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى يەمەننىڭ ئادەن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
سۇدان ئەسكەرلىرىنىڭ تايىز ۋە ئىدلىب شەھەرلىرىدە ھۇسىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن باشقا، يەمەندىكى سوكوترا ئارىلىغا زىيان بەرگەن مەگىھ بوران-چاپقۇنىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 8گە يەتتى.
يەمەن مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مەگىھ بوران-چاپقۇنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە يەمەنگە زىيان بەرگەن گاپالا بوران-چاپقۇنىغا قارىغاندا تېخىمۇكۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ھەپتە يەمەنگە تەسىر كۆرسەتكەن گاپالا بوران-چاپقۇنى 44 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، 2سى بالا بولۇپ 8 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر