ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىنى ئىستىپا بەرگۈزدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى نامايىشى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىنى تىز پۈكتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مىزۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىرقچىلىققا قارشى نامايىشلاردىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. مۇدىر تىم ۋولف ئىرقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تەلەپكە لايىق خىزمەت قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر سەۋەبىدىن سۇنۇلغان ئىستىپا قارارىنىڭ ‹بەزىلەر ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولسا، يەنە بەزىلەرنىڭ غەزەپلىنىشى› نى قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەمسىتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇتۇقلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى.
ئۇنىۋېرسىتېت پۇتبول كوماندىسىنىڭ قارا تەنلىك پۇتبولچىلىرىنىڭ مۇدىر ئىستىپا بەرمىگۈچە مۇسابىقىلەرنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن تەڭ، بۇ بىر مىللىي مەسىلىگە ئايلانغانىدى.