پاپا «ساتقۇنلۇق»سەتچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا «ساتقۇنلۇق» ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى.

413780
پاپا «ساتقۇنلۇق»سەتچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فىرانسىس ۋاتىكاننى زىلزىلگە سالغان ئىككىنچى قېتىملىق ساتقۇنلۇق ۋەقەسى سەۋەبىدىن تولىمۇ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى، بىراق بۇ ۋەقەلەرنىڭ كاتولىك چېركاۋىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاپا فىرانسىس ۋاتىكاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى بازار مۇراسىمىدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بېرىپ كاتولىك چېركاۋىنى زىلزىلگە سالغان ساتقۇنلۇق ھادىسىسى ئۈستىدە توختالدى.
پاپالىققا تەۋە مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئوغرىلىنىپ ئاشكارىلىنىۋېتىلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتقان پاپا، بۇقىلمىشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تىگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
پاپا فىرانسىس «ساتقۇنلۇق»قا ئوخشاش قىلمىشلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، چېركاۋدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ھەپتە ۋاتىكان مالىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككى خادىمى ۋاتىكانغا تەۋە مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارلىنىپ قالغانىدى.
كاتولىك دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان ۋاتىكان، 3 يىل ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ساتقۇنلۇق سەتچىلىكى بىلەن تەۋرەپ كەتكەن بولۇپ، ۋاتىكانغا تەۋە مەخپىي ھۆججەتلەر بىر ئىتالىيەلىك مۇخبىرنىڭ كىتابىدا ئېلان قىلىنىۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر