خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ئەھۋالدا

زاۋۇت تۇرخۇنلىرى ۋە ئاپتوموبىللاردىن چىققان ئىسلاردىن پەيدا بولغان قېلىن تۇمانلار، پىيادىلەر ۋە موتورلۇق قاتناشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

364935
خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ئەھۋالدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاسمىنى قېلىن تۇمانلار بىلەن قاپلاندى. شەھەردە قاتناش تۇمان سەۋەبىدىن پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، يەتتە تاشيولدا كۆرۈش مۇساپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن قاتناش توختىتىلدى. ئۆلكىنىڭ باشقا تاشيوللىرىدا ۋاقىتلىق سۈرئەت چەكلىمىسى يولغا قويۇلدى، شەھەر ئاھالىلىرى سىرتقا چىققاندا يۈزىگە ماسكا تاقاشنى باشلىدى.
خىتايدا قىش پەسلىدە كۆمۈر كەڭ قوللىنىلىدىغان بولغاچقا، ھاۋا بۇلغىنىشى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. خىتاي دۇنيادا ئاتموسفېراغا ئەڭ كۆپ سەرا گازى قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، نارازىلىقلار سەۋەبىدىن ئالتە يىل بۇرۇن سەرا گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ يىل (2015) نويابىر ئېيىدا پارىژدا ئېچىلىدىغان ۋە 10 كۈن داۋاملىشىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا، باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ئەھۋالىمۇ مۇزاكىىرە قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر