شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى رايون خاراكتېرلىك دەتالاشلار تۈپەيلى يىرىكلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش مەقسىتىدە بۈگۈن (پەيشەنبە) ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويغا يېتىپ كەلدى.

411282
شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن ۋىيېتنام خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قارشى ئېلىندى.

خىتاي بىلەن ۋىيېتنامنىڭ مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ ۋىېيتنام ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي رايونى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان باراسىل ئارىلىغا يېقىن يەرگە غايەت زور بىر نېفىت سۇپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان، ھەتتا بۇ ئىش ۋىيېتنامدا خىتايغا قارشى ئادەم ئۆلۈشكە سەۋەب بولغۇدەك دەرىجىدىكى ئېغىر نارازىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

شۇنىڭدىن بۇيان ھەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىدە كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە، ئۆزئارا زىيارەتلەرنى قىلىشماقتا. بۇ دائىرىدە ئاپرېل ئېيىدا ۋىيېتنام كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى فۇمۇ خىتايدا زىيارەتتە بولغانىدى.

ۋىېيتنام رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋېيىتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رەھبەرلەر بۇ قېتىم جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك دەتالاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىختىلاپلاردىنمۇ بەكرەك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر