قۇم بورىنى ئىيوردانىيەنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى

ئىيوردانىيەدە قۇم بورىنى كۈندىلىك ھاياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

411260
قۇم بورىنى ئىيوردانىيەنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن قۇم بورىنى ئىيوردانىيەنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى.
ئىيوردانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى بولۇپمۇ پايتەخت ئامماننى چاڭ – توزان قاپلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسى سىرتقا چىقالمىدى، تىجارەتچىلەرمۇ دۇكانلىرىنى ئاچالمىدى.
قۇم بوران ئاپىتى تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ رەپىقىسى مىشېل ئوبانىڭ ئىيوردانىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىمۇ كېچىكتۈرۈلدى.
مىشېل ئوبامانىڭ قىزلىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئىيوردانىيەدە ئېچىلغان بىر مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشى پىلانلىنىۋاتاتتى.
ئىيوردانىيە قۇم بورىنى ئاپىتى تۈپەيلى بىر قىسىم ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئامماندىكى پادىشاھ ئەلىئا ئايرودۇرۇمىدىن باشقا ئايرودۇرۇم ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر