خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى لى يۈەنچاۋ كابۇلنى زىيارەت قىلدى

كابۇلدا ئافغانىستان بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تەبرىكلەندى.

410336
خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى لى يۈەنچاۋ كابۇلنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 3 – نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كابۇلدا ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تەبرىكلەنگەن بولۇپ، پائالىيەتكە، خىتاينىڭ يېڭى سايلانغان مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى لى يۈەنچاۋ، ئافغانىستان ئىجرا ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، سابىق پىرېزىدېنت ھامىد كارزايى ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار قاتناشقان.
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە قايتىدىن قۇرۇلۇشىغا كۆپ ھەسسىلەرنى قوشقانلىقىنى ماختىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئافغانىستاندا ۋە رايوندا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ رايوندا بىر خىل سىياسەت يولغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى؛ ئافغانىستاننىڭ ترانزىت ئۆتۈش نۇقتىسى ۋە سودا مەركىزىي بولۇش ھالىغا كېلەلىشى ئۈچۈن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ سۆزىنى 26 – ئۆكتەبىر ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن 7.5 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ھال سوراش بىلەن باشلىغان. ئۇ كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىل ئىچىىدە ئافغانىستانغا 1.5 مىليارد يۈەن ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلىشىچە، ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان كېلىشىملەر دائىرىسىدە، خىتاي كابۇلغا تۆت دانە بىخەتەرلىك دەرۋازىسى ياساپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 1500 ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەن، ئۇرۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە 10 مىڭ ئۆي سېلىپ بېرىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر