ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدە 6.3 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ شەرقىي نۇساتېڭگارا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئالور ئارىلىنىڭ 28 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىي ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

410323
ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدە 6.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى يەرنىڭ 14 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ شەرقىي نۇساتېڭگارا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئالور ئارىلىنىڭ 28 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىي ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە ۋە گېئوفىزىكا ئاگېنتلىقى يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىدى. خەلق ئىچىدە ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ياكى ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندونېزىيەنىڭ لومبوك ئارىلىدىكى رىنجانى يانار تېغى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى ساياھەت رايونىدىكى ئايرودۇرۇم سەپەرلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر