ئاق پارتىيەنىڭ غەلبىسى دۇنيا مەتبۇئاتىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.

407411
ئاق پارتىيەنىڭ غەلبىسى دۇنيا مەتبۇئاتىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئومۇمىي سايلام نەتىجىلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى.
ھەم ئامېرىكا ھەم ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى ئومۇمىي سايلام نەتىجىلىرىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ غەلبىسى، دەپ تەرىپلىدى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە ئاق پارتىيەنىڭ سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بۇ پارتىيەنىڭ بۇقېتىم سايلام ئارقىلىق تەسىر دائىرىسى ۋە نوپۇزىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
Associated Press خەۋەر ئاگېنتلىقى ت ر ت نىڭ سايلام نەتىجىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ كۆرىنەرلىك نەتىجە بىلەن سايلامدا ئۇتۇق چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ سايلام غەلىبىسنى تەبرىكلىگەنلىكلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر قىلدى.
ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. Wall Street Journal ئاق پارتىيەنىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پارلامېنتتا يۇقىرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. مەكۇر گېزىتتە سايلام نەتىجىلىرى «ھەيۋەتلىك ھالدا قايتىپ كېلىش» دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نوپۇزى ۋە تەسىر دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
New York Times مۇ Wall Street Journal غا ئوخشاش «ھەيۋەتلىك ھالدا قايتىپ كېلىش» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ، سايلام نەتىجىلىرىنى تۈركىيەدە يەككە پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئەردوغاننىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ سىگناللىرى، دەپ ئانالىز قىلدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلامدىكى غەلبىسى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى.
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىن BBC بۇ قېتىمقى ھالقىلىق سايلامدىن ئاق پارتىيەنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
The Guardian گېزىتى تۈركىيەدە يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاق پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزەلەيدىغان كۆپ سانلىققا يېقىن نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان LÖ MOND گېزىتى ئاق پارتىيەنىڭ سايلامدا كۆرىنەرلىك نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ پارلامېنتتا مۇتلەق كۆپ سانلىققا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسا، LÖ FİGARO گېزىتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زور تەسىر كۆرسەتكەن بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاق پارتىيە يۇقىرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى سايلامنىڭ ئاق پارتىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئاق پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلەلەيدىغان كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئاق پارتىيەنىڭ سايلام غەلبىسى ئوتتۇرا شەرقتىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى 7-ئىيۇندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بالدۇر سايلاملاردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ زور غەلبىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر