ئامېرىكا بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشتە چادنى قوللايدىغان بولدى

ئامېرىكا بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلەردە چاد دۆلىتىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

407949
ئامېرىكا بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشتە چادنى قوللايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئېنكېمىنېدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جېيمېس نايت ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي ئايروپىلانلىرىمىز بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلەردە چاد ئەسكەرلىرىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ.»
باش ئەلچى «چادنى بىخەتەرلىك جەھەتتىن قوللاش»سەرلەۋھىلىك باياناتىدىمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە چادنى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ كېيىنكى ئايلاردا چاد ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئىقتىسادىي ياردەملەرنىڭ مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوباما ئۆتكەن ئايدا ئالىي پالاتا بىلەن ئاۋام پالاتا ۋەكىللىرىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشتە چاد ئارمىيەسىنى قوللاش مەقسىتىدە 12-ئۆكتەبىردە تەخمىنەن 90 ئەسكەرنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، كامېرۇنغىمۇ 300 ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
چاد، نىگېر، نىگېرىيە، كامېرۇن ۋە بېنىن قاتارلىق دۆلەتلەر بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە «ئورتاق كۆپ دۆلەتلىك كۈرەش قىسمى» بەرپا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر