خىتاي: يېڭى قانۇن چىققۇچە بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتى داۋاملىشىدۇ

خىتاي سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى تۈزۈم تەستىقلىنىپ بولغۇچە، بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

407676
خىتاي: يېڭى قانۇن چىققۇچە بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتى داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەر – ئاياللارنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا يول قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يېڭى تۈزۈمى تەستىقلىنىپ بولغۇچە، بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە كومۇنىستىك پارتىيە بايانات بېرىپ، بېيجىڭنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى بوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئالدىمىزدىكى يىلى 3 – ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

خىتاي سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلغان مەزكۇر باياناتى خېنەن ئۆلكىلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ ‹خېنەن كۈندىلىك خەۋەرلەر› گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىلىك سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدىكى ئەر – خوتۇنلارنىڭ قەتئىي جازالانمايدىغانلىقى› توغرىسىدىكى باياناتى بىلەن زىتلىشىپ قالدى.

كومىتېتنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنمىغان بىر ئەمەلدارى «نۆۋەتتە (تەستىقتىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى) بارلىق يەرلىك ئىدارە – ئورگانلارنىڭ مەۋجۇت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى، يېڭى تۈزۈمنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشى، ئۆزى بىلگەنچە ئىش تۇتماسلىقى كېرەك» دېدى.

خىتاي سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، 90 مىليون ئائىلىنىڭ يېڭىدىن چىقىدىغان ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئېھىتىمالىنىڭ بارلىقىنى، بۇنداق بولغاندا 2030- يىلى نوپۇسنىڭ %1.45 ئەتراپىدا كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۇنيانىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلىتى بولۇپ، نوپۇسى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا 1 مىليارد 370 مىليونغا يەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر