ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى سۇ ئاستىدا قالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە 2 كىشى قازا قىلدى، يوقاپ كەتكەن بىر كىشىنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

405941
ئامېرىكىنىڭ  تېكساس ئىشتاتى سۇ ئاستىدا قالدى

تېكساس ئىشتاتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق مەھەللىلىرى قارا يامغۇر ۋە سەل ئاپىتىدىن كېيىن سۇ ئاستىدا قالدى.
تاش يوللارمۇ سۇ ئاستىدا قالغانلىقتىن، كۆپلىگەن ئولتۇراق رايونلىرىدا قاتناش ئاقساپ قالدى.
تېكساس ئىشتاتىدا بۇ يىل ماي ئېيىدىمۇ سەل ۋە قارا قويۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 20 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر