ئامېرىكا ئىسىرائىلىيەنى F-35 ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر كېلەر يىلى ئىسىرائىلىيەنى «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

360080
ئامېرىكا ئىسىرائىلىيەنى F-35 ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى موسې يالون بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقان ۋەزىيەت داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى چارىلەر ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ دائىرىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى F-35ئايروپىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقلار توغرىسىدا توختىلىپ، يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسىرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كېلەچىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ F-35 ئايروپىلانىنىڭ بېشىدىكى 365 گىرادۇس كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئۈسكۈنىنى، بىر ئىسىرائىلىيە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ تېخنىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەڭداشسىز دەرىجىدە يېقىنلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ: « ئىسىرائىلىيە 2016 – يىلى F-35 ئايروپىلانلىرى سېتىۋالغان رايوندىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر دوستىمىز بولۇپ قالىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر