گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىدىن كېيىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

400221
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ 23 – ئۆكتەبىر كۈنى جاكارلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 29 – ئۆكتەبىردىن 30 – ئۆكتەبىرگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زىيارەتتە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. مېركېل ئۆتكەن قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق – ئاشكارا تىلغا ئالغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىگە سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر مەيدان تىنچلىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەم بېرلىن تېمىنى ئۆرۈۋەتكەنلىكىنى ھەم ئەركىن دىيالوگ ئورنىتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتقان، خىتايدىمۇ ئەركىن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر