بېلگىيەدە بىر كىشى بىر ھەربىي رايونغا ھۇجۇم قىلدى

بېلگىيەدە يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر كىشى بىر ھەربىي رايونغا ھۇجۇم قىلدى.

400786
بېلگىيەدە بىر كىشى بىر ھەربىي رايونغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمچى ئاپتوموبىلىنى ھەربىي رايوننىڭ دەرۋازىسىغا سوقتۇرۇشقا تىرىشتى؛ ۋەقە بىريۇسسېلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان نامۇر بازىرىدا مەيدانغا كەلدى. ھۇجۇمچى ئەسكەرلەرنىڭ دەرھال ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئاپتوموبىلى بىلەن نەق مەيداندىن قاچتى. ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. ھۇجۇمچىنىڭ ئاپتوموبىلى بېلگرادقا يېقىن بىر يەردە تاشلاندۇق ھالەتتە تېپىلدى.

ئارقىدىن ئالاھىدە قىسىملار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۇجۇمچىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر