ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى سۈرىيە تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھاشارەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان بىر ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيەنىڭ دېرئا شەھىرىگە يېقىن تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

399091
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى سۈرىيە تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكلىرى تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقان بىر ئىسرائىلىيە ئايروپىلانى يەرمۇك شېھىتلىرى بىرىگاداسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى دېرئا شەھىرىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان ھەۋدى يەرمۇك رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن.

ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىك كاشىلا يۈزىسىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئۇچقۇچىنىڭ ئەسىرگە ئېلىۋېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە ھەققىدە رەسمىي بايانات بېرىلمىدى.

سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار يەرمۇك شېھىتلىرى بىرىگاداسىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بەيئەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېرئا شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بىلەن يەرمۇك شېھىتلىرى بىرىگاداسى ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر