رۇسلار موسكۋانىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىقتى

موسكۋادا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

398893
رۇسلار موسكۋانىڭ  سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى، بۇ ئۇرۇشنىڭ رۇسىيەگە ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ھەمدە موسكۋانىڭ سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىشىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ رۇسىيە خەلقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يولۇقىنى ئەسكەرتكەن نامايىشچىلار، سۈرىيەدە بىر دىكاتورنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتلىقىنى ھەمدە ئۆز خەلقىنى داۋاملىق قانلىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نامايىش ئىشتىراكچىلىرى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولار سەۋەبىدىن زىيان تارتىۋاتقان رۇسىيەگە يەنە بىر زەربىنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر