ئوباما كونگرەنىڭ قوغدىنىش لايىھەسىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما كونگرە تەستىقلىغان 612 مىليارد دوللارلىق قوغدىنىش سىياسەت لايىھەسىنى رەت قىلدى.

357643
ئوباما كونگرەنىڭ قوغدىنىش لايىھەسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئوباما كونگرەنىڭ قوغدىنىش لايىھەسىنى رەت قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىي خىراجەتلەرنى 38 مىليارد دوللار كۆپەيتىپ، دۆلەت ئىچى خىراجەتلەرنى ئاشۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باراك ئوباما پىرېزىدېنت ۋە باش قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئارمىيەگە ئۇيغۇن شەكىلدە چىقىم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئارمىيەگە خامچوت ئايرىغان، ھەربىي خادىملارنىڭ پېنسىيە تۈزۈمىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە ئىنتېرنېت تور ساھەسىدە يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەنىڭ، بەزى مۇھىم ساھەلەردە «يېتەرسىز» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
لايىھە كونگرەدە قايتا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. كونگرەنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ رەت قىلىشىدىن غالىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۈچتەن ئىككى ئاۋازغا ئېرىشىشى لازىم.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر