ئافرىقا قىتەسى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشىشنى نىشان قىلماقتا

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇلتۇرقى قارارىغا ئاساسەن قۇرۇلغان «خەلقئارا ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇنبىرى» يىغىنى سېنېگالدا چاقىرىلدى.

397932
ئافرىقا قىتەسى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشىشنى نىشان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت داكاردا چاقىرىلغان يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھەمراھلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلاردىن سىرت يەنە، تۈركىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
سېنېگال پىرېزىدېنتى مېكى سال، يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، مۇنبەرنىڭ ئافرىقا قىتئەسى بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاقداشلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سال، مۇنبەرنىڭ نىشانىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك سىجىل ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ياردەم قىلىنىدىغان بىر رايون بولۇشتىن ھالقىپ، تەرەققىيات ۋە سېلىنمىلار ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقان بىر رايونغا ئايلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇنبەر ئەزالىرى كېيىنچە يىغىننى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالەتتە داۋاملاشتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر