ئەنگلىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

ئەنگلىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى «21 – ئەسىردە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىك» سەۋىيەسىگە چىقىرىشنى قارار قىلدى.

357737
ئەنگلىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن (22 – ئۆكتەبىر) لوندوندا باش ۋەزىر كامېرون بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە، «21 – ئەسىردە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرى» نى شەكىللەندۈرۈش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئوچۇق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشقا تايانغان «ئالتۇن دەۋر» نى باشلاشنى قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش، ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ كېلەچىكىنى پىلانلاپ، يېڭى سەۋىيە بەرپا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ساغلام بولۇشىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەنگلىيە بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
شى جىنپىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلىھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل – ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا قۇرغۇچى ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بىرىنچى غەرب دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ خىتاينىڭ ياۋروپا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا بولۇشىدا ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى جەريانىدا چوڭ لايىھەلەر بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سودا كېلىشىملىرىنىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ غەربتىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى شېرىكى بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاي بىلەن پۇل – مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرى ھەمدە ۋىزا سىياسەتلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، ئاسىيا ئۇل – ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ – بىر يول» رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر