3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشت

تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەسلىھەت يىغىنىغا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروۋنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

357998
3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىنىرلىئوغلۇ ئاۋستېرىيەنىڭ پايتەىتى ۋىيانادىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل جۇبەير بىلەن كۆرۈشتى.
3 مىنىستىر سۈرىىيە مەسلىسى ھەقىقدە مۇزاكىرىلىشىشتىن ئىلگىرى ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى.
سۈرىيە كىرىزىسىگە قارىتا ھەل قىلىش چارە تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كېيىنكى يىغىن مەسلىھەت خاراكېتىرىگە ئىگە ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەسلىھەت يىغىنىغا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروۋنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر