«قاتار سۈرىيەگە ھەربىي يۈرۈش قىلىشى مۇمكىن»

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد ئەلئەتىييە سۈرىيەگە ھەربىي يۈرۈش قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

396600
«قاتار سۈرىيەگە ھەربىي يۈرۈش قىلىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەتىييە، ئامېرىكىنىڭ CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، قاتارنىڭ سۈرىيەدە ھېچقانداق بىر گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتى ۋە سىياسىي پىلانىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان قاتار ئىزچىل تۈردە مەسىلىنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.» رايوندا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك توقۇنۇشلار ۋە دىيالوگ باسقۇچى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەتىييە، «دىيالوگ ئورنىتىش پىلانىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى خالايمىز، بۇنى ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. سۈرىيەنى پارچىلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دوستلىرىمىز سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. زۆرۈر تېپىلغاندا سۈرىيەلىكلەرنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋپىدىن قوغداش ئۈچۈن سۈرىيەگە ھەربىي يۈرۈش قىلىشىمىز مۇمكىن» دېدى. قان تۆكۈلۈشكە باشلىغان ھامان قاتارنىڭ سۈرىيە خەلقىنى قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەتىييە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە خەلقىنى قوغدىيالمىغانلىقىنى، شۇڭا قاتارنىڭ «سۈرىيەنىڭ دوستلىرى» پىلانىنى قوللىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر