رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا دوقۇرۇشۇپ قالماسلىق كېلىشىمى تۈردى

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇش بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاندى.

395376
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا دوقۇرۇشۇپ قالماسلىق كېلىشىمى تۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرى سۈرىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۆزئارا دوقۇرۇشۇپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان چاغدا ئىككى دۆلەت قوماندانلىرى داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرىدىكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىمۇ كېلىشىمدىن خەۋەردار قىلىش توغرۇلۇق رۇسىيەگە ۋەدە بەرگەن.
ۋاشىنگىتون، يېقىندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ئوخشاش رايونغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر