ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر ئەۋجىگە چىقماقتا

مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 40 تىن ئاشتى. ئۆلگەن ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ سانى بولسا 9 غا يەتتى.

394860
ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر ئەۋجىگە چىقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ئەۋجىگە چىقماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىك باھانىسى بىلەن تاشلىغان قەدەملىرى نارازىلىق قوزغىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە رايوننى زىيارەت قىلىدىغان بولدى.
بان كىمون زىيارەتتىن ئىلگىرى ھەر ئىككى تەرەپنى مۆتىدىللىككە چاقىرىق قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى 2 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
رايوندا ئەۋجىگە چىققان زورۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ زىيىنىمۇ بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.
مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 40 تىن ئاشتى. ئۆلگەن ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ سانى بولسا 9 غا يەتتى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى بارغانچە تېزلاشتۇردى ۋە بۇ قېتىم ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھاماسنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەخسلىرىدىن بىرنى قولغا ئالدى.
بۇ ئارىلىقتا ھۇجۇمغا ئارىلاشقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىمۇ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆرۈپ تاشلانماقتا.
بەرشابا شەھىرىدە ھۇجۇمغا قاتناشقان دەپ گۇمانلانغان 29 ياشلىق پەلەستىنلىك ياشنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.
بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، «ھېچ كىشى ئۆز ئالدىغا سوت ھۆكمى ئىجرا قىلىشقا ئۇرۇنمىسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر