دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولكا

ئىتالىيەدە 122 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر بولكا جىنىس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرگۈزۈلدى.

394206
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولكا

ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015 خەلقئارا يەرمەنكىسىدە بولكىچىلار ئەڭ ئۇزۇن بولكا ياساپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
20 ئىتالىيەلىك بىلەن 7 فىرانسۇز بولكىچى بۇ ئىش ئۈچۈن 7 سائەت ئىشلەپ 122 ئۇزۇنلۇقتا بولكا پۈتتۈرۈپ چىقتى.
بۇ بولكا جىنىس رېكورتلار كىتابى مەسئۇلى تەرىپىدىن ئۆلچىنىپ دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولكىسى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىندى، ئارقىدىن يەرمەنكە زىيارەتچىلىرىگە ئىكرام قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر