ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر «ئەرەبلەرگە ئۆلۈم» دەپ شوئار توۋلاشتى

ئىسرائىلىيەدە بىر تۈركۈم ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ «ئەرەبلەرگە ئۆلۈم» دەپ شوئار توۋلاشتى.

393812
ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر «ئەرەبلەرگە ئۆلۈم» دەپ شوئار توۋلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمدا بىر پەلەستىنلىك بىلەن بىر ئىسرائىلىيەلىك ئۆلدى.
ئىسرائىلىيەدىكى بىرشېبا  ئاپتوبۇس بېكىتىگە بېسىپ كىرگەن ئىككى كىشى ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە ئوق چىقاردى. ئاپتوبۇس بېكىتىدە 2سى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 6 ئىسرائىلىيەلىك يارىلاندى، بىرى دوختۇرخانىدا ئۆلدى.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئۆزلىرىگە ئوق چىقارغان پەلەستىنلىكلەردىن بىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، قالغانلارنى يارىلاندۇردى. ئۆلگەن ئىسرائىلىيەلىكنىڭ توقۇنۇش ئەسناسىدا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئېھتىمالىنىڭ بار بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ۋەقەدىن كېيىن ئاپتوبۇس بېكىتى ئالدىغا يىغىلغان ئىرقچى ئىسرائىلىيەلىكلەر «ئەرەبلەرگە ئۆلۈم» دەپ شوئار توۋلاشتى. ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلاردا كۆچمەن يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 41 پەلەستىنلىك بىلەن 9 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلدى.
پەلەستىنلىكلەرنىڭ 20سى كۆچمەن يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە قۇددۇسنىڭ شەرقىدە سېپىل سالماقتا. ئىسرائىلىيەلىك مەسئۇللار 5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سېپىلنى كۆچمەن يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ۋاقىتلىق سالغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر