فىلىپپىندا تەيفېڭ بورىنى مەيدانغا كېلىپ 9 ئادەم ئۆلدى
فىلىپپىندا كوپپۇ تەيفېڭ بورىنى مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.
394200
فىلىپپىندا مەيدانغا كەلگەن كوپپۇ تەيفېڭ بورىنى 9 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى.
تەيفېڭ بورىنى يەنە شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن تۇرالغۇ جايلار سۇ ئاستىدا قالدى.
بەزى ئۆيلەر يەر بىلەن يەكسان بولدى، دەل-دەرەخلەر يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ كەتتى، توك سىملىرى ئۈزۈلۈپ كەتتى. بولۇپمۇ، ساھىل رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن زىياننىڭ ئالدى ئېلىندى.
بىراق نۇرغۇن جايلاردا مىڭلارچە كىشىنىڭ سۇ ۋە ئوزۇق-تۈلۈككە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. فىلىپپىندە ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 20 قېتىمدەك تەيفېڭ بورىنى مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ دۆلەتتە ئىككى يىل ئىلگىرى خەيياڭ تەيفېڭ بورىنى 6300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى.