ئىران يەر ئاستى ھەربىي بازىسىىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانلىق ئىشتابى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قويۇپ بېرىش ئىستانسىلىرى جايلاشقان يەر ئاستى تۇنېللىرىدىن بىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى بۆلۈمىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئەمىر ئەلى ھاجىزادە قورال - ياراغ ئىستىكىلاتلىرىنىڭ كېلەر يىلى يېڭىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ئىرانغا تەھدىت سېلىۋاتقانلارغا ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى.

392689
 ئىران يەر ئاستى ھەربىي بازىسىىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاجىزادە، ئىراننىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدىغان بۇنداق بازىلارنىڭ ئىراننىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ ھەربىي بازىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى، بىراق 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بازىنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ئىران يەكشەنبە كۈنى ئۇزاق مۇساپىلىق يەرلىك يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
ئاق ساراي بولسا تېھراننىڭ ئۇزاق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلىپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەمما بۇ مەسىلىگە غەرب ئەللىرى بىلەن ئىيۇل ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر