پاپا ۋاتىكاندىن كەچۈرۈم سورىدى

دۇنيا بويىچە 1 مىليارد 200 مىليون مۇخلىسى بار كاتولىك چېركاۋىنىڭ لىدىرى ۋە ۋاتىكان دۆلەت رەئىسى پاپا فرەنسىس، رىم ۋە ۋاتىكاندا يۈز بەرگەن سەتچىلىكلەر تۈپەيلى كەچۈرۈم سورىدى.

392895
پاپا ۋاتىكاندىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېركاۋ بەججىۋازلىق ۋە قوش جىنىسلىق ئالاقىسى قىلىدىغان (ھەم ئۆزى بىلەن ئوخشاش جىنسلىق ئادەم بىلەن ھەم ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان) دىنىي زاتلارنىڭ سەتچىلىكلىرى بىلەن تەۋرەپ كەتكەنىدى.
پاپا فرەنسىس، ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىشىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزىز پېترۇس مەيدانىغا يىغىلغان مىڭلارچە مۇخلىسلىرىغا خىتاب قىلدى ھەمدە بۇ سەتچىلىكلەر تۈپەيلى ۋاتىكان ۋە كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى.
ۋاتىكاننىڭ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى باش ئەلچىسى 67 ياشلىق ئارخىئېپىسكوپ جوزېف ۋېلوسوۋىسكى، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا پۇل بېرىپ بالىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلگەنىدى.
پولشادا تۇغۇلغان ۋېلوسوۋىسكى كاتولىك چېركاۋى تارىخىىدا تۇنجى قېتىم ۋاتىكان سوت مەھكىمىلىرىدە بۇ جىنايەت بىلەن سوتلىنىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي زات ئىدى. بىراق سوتلىنىشقا ئاز قالغاندا نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋاتىكاندىكى ئۆيىدە ئۆلگەنىدى. يېقىندا، ئۇدا 17 يىلدىن بۇيان ۋاتىكاندا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن تېگى پولشالىق پوپ كىرىستوف چارامسامۇ ئۆزىنىڭ قوش جىنىسلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر