ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئوغۇللىرى قويۇپ بېرىلدى

مىسىردا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنىڭ «پىرېزىدېنتلىق سارايلىرى» دېلوسى دائىرىسىدە سوتلىنىۋاتقان ئوغۇللىرى ئالا بىلەن جەمال مۇبارەك قويۇپ بېرىلدى.

392217
ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئوغۇللىرى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالا مۇبارەك بىلەن جەمال مۇبارەك بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقىرىلغان سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى مەزرەئە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى.

ئالا ۋە جەمال مۇبارەك «پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا ئاجرىتىلغان 16 مىليون دوللار مەبلەغنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتاتتى.

قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى جەمال مۇبارەك بىلەن ئالا مۇبارەكنىڭ ھۆكۈم مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقىتىغا قىلغان ئېتىرازىنى قوبۇل قىلىپ، جاۋابكارلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ھۆكۈم قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر